LibreOfficeھەقسىز ھەم ئۇيغۇرچىنى قوللايدىغان ئىشخانا مەشغۇلار دېتالى

يانۋار 22, 2011 باھا يېزىش

ئەزەلدىن ھەممىمىزگە تۇنۇش بولغانOpenOffice ھازىر پروەرامما نامىنىLibreOffice قا ئۆزگەرتىپ ھەقىقى يۇسۇندا تارقاتتى، بۇ دېتالنىڭ ئەچ چوڭ ئالاھىدىلىگى ئۇ ھەقسىز بۇلۇپ ئىشلىتىش ئىقتىدارلىرى جەھەتتە ھەرگىزمۇ ماكروسواتنىڭMicrosoft Office دىن كەم تۇرمايدۇ، شۇنڭلاشقا ئىشلاتكۈچىلەر ئۇنىڭغا نۇرغۇن پۇل خەشلەپ سېتىۋېلىشنىڭ لازىمى يوق، توردىن چۇشۇرۋېلىپ بىۋاستا كومپيۇتېرغا قاچىلاپ ئىشلىتەلەيدۇ، تېخىمۇ خوش قىلارلىق يىرى شۇكى، بۇ ھۆججەت ئۇيغۇرچە ئېكران تېلى تەمىنلەنگەن بولۇپ ئۇيغۇر تىلىدا مەشخۇلات قىلىش ئېھتىياجى بارلار ھولايلىق ھالدا ئىشلىتەلەيدۇ:







 


 

سەھىپىلەر:Uyghur

باللىرىم

نويابىر 19, 2010 باھا يېزىش

ئەتىگەن سائەت سەككىزدىن كەچ سائەت بەشكىچە بولغان خىزمەت رېتىمىغا ماسلىشىشقا باشلىدىم، ئەتىگەنلىگى سەككىزدىن بۇرۇن خىزمەتكە كەلمەيدىغان ئادەم مانا ئەمدى ھەر كۈنلۈك تىزىملىكتە يەتتە يېرىمدىن بۇرۇن، سائەت دەل بەش بولغاندا ئىشتىن چۇشىمەن، بىر مىنۇت كىچىكىپ قېلىشقا بولمايدۇ، خوددى باشقىلاردەپ سائەت بەش بولمىدۇ ماتىرياللىرىمنى يىغىشتۇرۇپ سىرتقا يۈگىرەيمەن.
ۋاقىتنىڭ ئۈتىشىگە ئەگىشىپ ئارامخۇدا ئولتۇرۇپ مۇزىكا ياكى ناخشا تىڭشاش پەقەت بىر ئىستەكلا بۇلۇپ قالدى، كۆرگەن كىنولىرىمدىنمۇ ھۇزۇر تاپالماس بۇلۇپ قالدىم، دوستلار بىلەب بىرگە چىقىپ تاماق يىمەيدىغان، ۋەياكى بىرگە ئۇلتۇرۇپ قەھۋە ئىچمەيدىغان ھاياتقا بۇي سۇنۇشقا باشلىدىم، ۋاقىتنىڭ بىر سېكونت بىر مىنۇتلىرى باللىرىمنىڭ چىرايىغا قاراش بىلەن ئۆتىدىغان بولدى…
بالا چوڭ بولغان سىرى مەسئۇلىيەتنىڭ ئېۋىشاتقانلىغىنى ھىس قىلىشقا باشلىدىم، بالىنىڭ كەپسىزلىكى، تەرسالىقلىرىدىن بىزار بولۇل چېچىلىپ قالغان ۋاقىتلىرىمدا ئۆزەمنىڭ قانداق تەدبىر قوللىنىشىمنىڭ كېرەك ئىكەنلىكىمنى ھىس قىلالماي ئاڭقىراپ قالدىم، ئالى مەكتەپتە ئۈگەنگەن بىلىملىرىم بۇ يەردە ئەسقاتمايدۇ، خوددى باشقا ھەر بىر ئاتا-ئانىلاردەك مەنمۇ بالامنىڭ تىرىشچان، ئەقىللىق ۋە ساغلام چوڭ بۇلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئەمما بالا دىگەن ماشىنا ئەمەستە، ھەمىشە بىزنىڭ خاھىشىمىزغا ئەگەشمەيدۇ، ئاتا-ئانىمۇ شۇ، خىزمەتنىڭ چارچاشلىقىنى ئاز دەپ باللىرىنى ئويناتمىسا ئەسلى، تاماق يىگۇزمىسە، كىيىم كېيدۇرمىسە، تازلىقىنى قىلمىسا، ئانىسىغا ياردەملىشىپ ئۆينى رەتلىمىسە، ئۇخلاتمىسا، ئويغاتمىسا، ئۇيناتمىسا…

سەھىپىلەر:Uyghur

WordPress نىڭ ئېچىلىش سۇرئىتى بەك ئاستا

ئۆكتەبىر 23, 2010 2 ئىنكاس

ئىشخانامدا تورغا چىقىپ توردىن ھۆججەت چۇشۇرسەم تور سۈرئىتى ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 10مېگاغا يىتىدۇ، باشقا تورلارنىڭمۇ سۈرئىتى خېلىلا ئىتتىك، ئەمما WordPress نى ئاچسام دائىم ئېچىلىپ بولغىچە خېلى بىر مەزگىل ساقلايمەن، بۇنىڭ سەۋەبى نىمە؟ ھەممەيلەننىڭ ئەھۋالى مۇشۇنداقمۇ؟

سەھىپىلەر:Uyghur خەتكۈشلەر:

OneNote 2010

ئۆكتەبىر 21, 2010 باھا يېزىش

OneNote دىگەن نىمە؟ قىسقىچا ئېيتقاندا ئۇ دەل قولىڭىزدىكى خاتېرە دەپتىرى، ۋە ياكى خاتېرە دەپتىرىڭىزنىڭ ئېلىكتۇرۇنلۇق نۇسخىسى، ئە ئەمىلى خاتېرە دەپتىرى بىلەن سېلىشتۇرغاندا قانداق ئالاھىدىلىكى بار؟

  • ئەگەر سىزنىڭ Hotmail ھىساۋات نۇمىرىڭىز بولسا خاتېرىڭىزنى بىۋاستە تورغا ساقلىۋالالايسىز،شۇنداق بولغاندا مەيسى سىز قەيەردىلا بولماڭ تورغا چىقىشقىلا ئىمكانىيەت بولسا ھەر قانداق كومپيۇتېردىن تۇرغا چىقىپ كۈرەلەيسىز ياكى مەشغۇلات ئېلىپ بارالايسىز.
  • ھەر قانداق مەزمۇننى قۇشالايسىز، يېزىق، سۇرەت، ئاۋاز، سىن… يېغىن خاتىرسى، تىلفۇن نۇمىرى، ئەستە تۇتىۋېلىشقا زۆرۆر بولغان مەزمۇنلار…
  • ئەڭ مۇھىمى تىز سۇرەتتە ئىزدەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارالايسىز، ئەمىلى خاتېرىڭىز مەزمۇنى كۆپىيىپ كەتكەندە مەلۇم بىر مەزمۇننى ئىزدىسىڭىز نۇرغۇن ۋاقتىڭىزنى سەرىپ قىلىدۇ، ئەمما OneNote ئارقىلىق تىز سۇرەتتە ئىزدەش ئېلىپ بارالايسىز.
    ئەگەر ئىمكانىيتىڭىز بولسا سىناپ بېقىشىڭىزنى تەۋىسىيە قىلىمەن.

 

 

image

سەھىپىلەر:Uyghur خەتكۈشلەر:

Outlook 2010 نىڭ خەت بېشى مەسلىسى

ئۆكتەبىر 11, 2010 باھا يېزىش

Outlook 2010 نى ئىشلىتىۋاتقىلى خېلى بولدى، سىناق نۇسخىسىنىڭ ۋاقتى تۇشۇپ قلىپ خەنزۇچە نۇسخىسىنى قايتا قاچىلغانتىم، ئەمما ئاۋارىچىلىققا يۇلۇقتۇم،  邮件头پەقەت خەنزۇچە شەكىلدە چىقىۋېلىپ ئېنگىلىزچەغا ئۆزگەرتكىلى بولمىدى، خېرىدارلارنىڭ ھەممىسى چەتئەلدە بولغان بولغاچقا بۇ ھالدا خەت يازسام قالايمىقان ھەرىپ چىقىپ قېلىشى ئېنىق، ھەر قانچە قىلىپ ئېنگىلىزچەگە ئۆزگەرتەلمىدىم، Outlook 2003 ياكى Outlook 2007 نىڭكىدەك تاللانمىسى يوقكەن، توردىن شۇنداق ھەپىلىشىپمۇ چۈشىرەمىدىم، ھالقىلىق ۋاقىتتا گوگىل ئەپەدىمۇ كارغا كەلمىدى، 语言包نى شۇنچە ئىزدەپ تاپالمىدىم، بۇنىڭغا نىمە ئامال ئەمدى؟

image

 

كۆرسىتىلگەن خاتا ئۇچۇر:

image

 

ماڭا ئېھتىياجلىق بولغىنى:

image

سەھىپىلەر:Uyghur

ئاقسۇ ۋىلايىتى مەمۇرى رايۇنلىرى خەرىتىسى-ئۇيغۇرچە

ئۆكتەبىر 9, 2010 باھا يېزىش

001c25c5791b09c9bdd507

جۇڭگو-تۈركىيە مۇناسىۋېتى “سىتىراگىيلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى” گە كۆتىرىلدى

ئۆكتەبىر 8, 2010 2 ئىنكاس

2009-يىلى شىنجاڭدا قالايمىقنلىق چىققاندا جۇڭگو-تۇركىيە مۇناسىۋىتىگە بىر –ئاز سوغوچىلىق چۇشۇپ قالغان ئىدى، ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرتاق تىرىشىشى ۋە جۇڭگو ھۆكىمىتىنىڭ ئامېرىكىنىڭ خەلىق پۇلىغا بولغان بېسىمىغا قارىتا ياۋرۇپا دۆلەتلىرىنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ۋە تۇركىيە ھۆكىمىتىنىڭ جۇڭگو بازىرىنى ئېچىش ۋە تېخىمۇ كۆپ مەسھۇلاتلىرىنى جۇڭگو بازىرىغا ئېلىپ كېرىش قاتارلىق ئېھتىياجلىرىنىڭ تۈرتكىسىدە ئىككى تەرەپ يەنە ېغىن جوزىسى ئەتىراپىغا يىغىلدى، بۇ قېتىمغى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ “سىتىراگىيەلىك ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى” دەرىجىسىگە كۆتىرلىشى ئىككى دۆلەت ئۈچۈن چوڭ تارىخى ئەھمىيەتكە ئىگە.

جۇڭگو ھۆكىمەت رەئىسى ۋېنجىياباۋ بۈگۈن ئىتالىيەگە بولغان زىيارىتىنى تۈگىتىپ تۈركىيەگە يىتىپ كەلدى.

سەھىپىلەر:Uyghur خەتكۈشلەر:

توردىن مال سېتىۋالدىن كېيىنكى يەنە بىر ئاۋارچىلىق

ئۆكتەبىر 7, 2010 6 ئىنكاس

توردىن نەرسە سېتىۋالغاندا يەنىلا كۆپ دىققەت قىلغان ياخشى، مەيلى ئۇ ئادەتتىكى ساتقۇچى بولسۇن ياكى تاۋباۋنىڭ كاپالەتلىك ساتقىچۇسى بولسۇن، بۇلۇپمۇ ئېلىكتۇرۇبلۇك ئۈسكۈنىگە ئۇخشاش نازۇك نەرسىلەرنى سېتىۋالغاندا…

بۇرۇن توردىن يانفۇن سېتىۋېلىپ يالغان چىقىپ قالغاچقا قايتۇرۋاتتىم، ئەمما يانفۇن يولدا يۇقاپ كېتىپ يوللانما شىركىتىنى تۈلەتكەندىم، مانا ئەمدى نەس ئەرەبكە كامېرا ئېلىپ بەرگەنگە پۇشايمان قىلىپ ئولتۇرىمەن، ئېلىشتىن بورۇن سوني دوكىنىغا بېرىپ ئۆز-كۈزى بىلەن كۈرۈپ كەلگەن نەرسە ئەمدى مالنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ سۈرىتى ئېنىق ئەمەسكەن يەي، ماي سەرپىياتى يۇقىركەنيەي دەپ كۇسۇرلاپ ئولتۇرىدۇ، مال ھەقىقەتەن راست مال، سۈپىتىدە چاتاق يوق، ئەمما مەن 7 كۈنلۈك سەۋەپسىز مال قايتۇرۇش كاپالىتى بار دۇكاندىن سېتىۋالغاچقا قايتۇرۇشنى تەلەپ كىلسام مال ساتقۇچى تۈرلۈك سەۋەپلەرنى باھانە قىلىپ قايتۇرغىلى ئۇنمايۋاتىدۇ(مەسلەن، سەن قاپچۇقىنى ئاچتىڭ، قايتۇرغىلى بولمايدۇ، مال سۈپىتىدە چاتاق يوق، بىز ئەمدى باشقىلارغا ساتساق ئىككىنچى قول مەسھۇلات بۇلۇپ قالىدۇ، بۇنداق بۇلغاندا بىز قايتۇرۇپ بىرەلمەيمىز… دىگەندەك).

مانا بۈگۈن تاۋباۋ ماجبۇرى ھالدا ئۇندۇرۇپتۇ (توختام بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن)، مېنى مالنى ساتقۇچىغا قايتۇرۇپ ئەۋەتىپ بېرىشقا ئۇقتۇرۇش قىلدى ئەمما ئۈزەم ئەنسىرەپ قالدىم، 3000 يۇەندىن قىممەت نەرسە، ئەۋەتىپ بولغىنىمدىن كېيىن ساتقۇچى يەنە ھەر-خىل باھانىلەرنى تېپىپ (مەسلەن، جىجىلىپ كېتىپتۇ، قاپچۇقى بۇزۇلۇپ كېتىپتۇ دىگەندەك) پۇلنى قايتۇرۇپ بەرگىلى ئۇنمىسا ئۇ چاغدا بولمۇ يوق، كامىرامۇ يوق، مەن كىمگە دەۋا قىلىپ يۈرەي، نەدىمۇ بۇنچىلىك ۋاقتىم بولسۇن ئۇلار بىلەن كۈندە تاكالىشىپ ئولتۇرغىلى… بۇ ئەرەپكە ياخشىلىق قىلىپ بىر نەرسە ئېلىپ بەرگىنىمگىمۇ تويدۇم.

سەھىپىلەر:Uyghur خەتكۈشلەر:

قۇرئان كەرىم ئۇيغۇرچە ئاۋازلىق ئۇقۇلۇشى

ئۆكتەبىر 6, 2010 باھا يېزىش

http://cid-f614f6915434999b.office.live.com/embedicon.aspx/.Public/%d9%82%db%87%d8%b1%d8%a6%d8%a7%d9%86%20%d9%83%db%95%d8%b1%d9%89%d9%85%20%d8%a6%db%87%d9%8a%d8%ba%db%87%d8%b1%da%86%db%95%20%d8%a6%d8%a7%db%8b%d8%a7%d8%b2%d9%84%d9%89%d9%82%20%da%be%db%86%d8%ac%d8%ac%d9%89%d8%aa%d9%89

قۇرئان كەرىم ئۇرغۇرچە ئۇقۇلۇشى-ئاۋازلىق ھۆججىتى، mp3 نۇسخىسى، جەمى 114 سۈرە.

مۇشۇنداق بىر ماتىريالنىڭ يوقلىغىندىن تۇلىمۇ ئەپسىسلىنەتتىم، بۇلىشىنى تۇلىمۇ ئارزۇ قىلاتتىم، ئەرەپچە قىرائىتىنى ئاڭلىغاندەم ۋە ئەرەپلەر ئاڭلاپ چۇشىنەلىگىنىدەپ ئاپلاپ چۇشىنىشنى ئارزۇ قىلاتتىم، ئاخىرى ئۆزەم قول تۇتۇپ ئىشلەشكە نىيەت قىلدىم، ئاللاھنىڭ ھىكمىتى بىلەن گوگىلدىن ئىزدىۋىدىم چىقىپ قالدى ئەمما ھىچقايسىدىن چۇشۇرگىلى بولمىدى، ئادىرىسنى شۇنلېيگە كۆچۈرۈپ مۇۋاپىيەت قازاندىم ۋە ھەممىنى چۈشۈرۋالدىم، باشقىلارنىمۇ پايدىلانسۇن دەپ Windows Skydrive غا چىقىرىپ قويدۇم، ئېھتىياجى بارلارنىڭ چۈشۈرۈپ پايدىلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

WordPress:ياخشىمۇ سىز؟

ئۆكتەبىر 6, 2010 باھا يېزىش

Windows Live Space نىڭ ئىتىۋېتىلىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشىنى كۆرگىنىمدىن كىيىن بىر ئاز ئاچچىقىم كەلدى، شۇنداق ئەمەسمۇ؟ ئىتىمەن دەپلا ئىتىۋىتەمدۇ؟…باشقا يەنە نىمە ئامال،wordpress قا يەنە  كۈچۈپ كەلدىم، ئۇيغۇرچىنى بىر قەدەر ياخشى قوللايدىغانلىقىنى ۋە يەنە ئۇيغۇرچە مەشغۇلات يۇزىنىڭ بولغىنىنى كۈرۈپ خوش بولدۇم، باشقا تىللاردا يازالمايمەن ئەمەس بەلكى توردىكى ئۇيغۇرچە مەزمۇنلارنىڭ ۋە ئۇچۇرلارنىڭ تۇلىمۇ ئازلىغىنى كۈرۈپ ئەپسىسلەندىم، ياكى نۇرغۇنلىرىنىڭ ۋاقتى ئۈتۈپ كەتكەن.

 

يازغىنىم ۋە يازغانلىرىمىزنىڭ چوڭ قىممىتى بۇلۇپ كىتىشى نايايىن، ئەمما كۆرگەن ۋە ھىس قىلغانلارنى يېزىپ قالدۇرساق جەزمەنكى مۇشۇنىڭدىن پايدىلىندىغانلار چىقىدۇ، باشقىلار چۇقۇم مەنپەئەت ئالالايدۇ.

سەھىپىلەر:Uyghur خەتكۈشلەر:,