ئارخىپ

Archive for 2010-يىل نويابىر

باللىرىم

نويابىر 19, 2010 باھا يېزىش

ئەتىگەن سائەت سەككىزدىن كەچ سائەت بەشكىچە بولغان خىزمەت رېتىمىغا ماسلىشىشقا باشلىدىم، ئەتىگەنلىگى سەككىزدىن بۇرۇن خىزمەتكە كەلمەيدىغان ئادەم مانا ئەمدى ھەر كۈنلۈك تىزىملىكتە يەتتە يېرىمدىن بۇرۇن، سائەت دەل بەش بولغاندا ئىشتىن چۇشىمەن، بىر مىنۇت كىچىكىپ قېلىشقا بولمايدۇ، خوددى باشقىلاردەپ سائەت بەش بولمىدۇ ماتىرياللىرىمنى يىغىشتۇرۇپ سىرتقا يۈگىرەيمەن.
ۋاقىتنىڭ ئۈتىشىگە ئەگىشىپ ئارامخۇدا ئولتۇرۇپ مۇزىكا ياكى ناخشا تىڭشاش پەقەت بىر ئىستەكلا بۇلۇپ قالدى، كۆرگەن كىنولىرىمدىنمۇ ھۇزۇر تاپالماس بۇلۇپ قالدىم، دوستلار بىلەب بىرگە چىقىپ تاماق يىمەيدىغان، ۋەياكى بىرگە ئۇلتۇرۇپ قەھۋە ئىچمەيدىغان ھاياتقا بۇي سۇنۇشقا باشلىدىم، ۋاقىتنىڭ بىر سېكونت بىر مىنۇتلىرى باللىرىمنىڭ چىرايىغا قاراش بىلەن ئۆتىدىغان بولدى…
بالا چوڭ بولغان سىرى مەسئۇلىيەتنىڭ ئېۋىشاتقانلىغىنى ھىس قىلىشقا باشلىدىم، بالىنىڭ كەپسىزلىكى، تەرسالىقلىرىدىن بىزار بولۇل چېچىلىپ قالغان ۋاقىتلىرىمدا ئۆزەمنىڭ قانداق تەدبىر قوللىنىشىمنىڭ كېرەك ئىكەنلىكىمنى ھىس قىلالماي ئاڭقىراپ قالدىم، ئالى مەكتەپتە ئۈگەنگەن بىلىملىرىم بۇ يەردە ئەسقاتمايدۇ، خوددى باشقا ھەر بىر ئاتا-ئانىلاردەك مەنمۇ بالامنىڭ تىرىشچان، ئەقىللىق ۋە ساغلام چوڭ بۇلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئەمما بالا دىگەن ماشىنا ئەمەستە، ھەمىشە بىزنىڭ خاھىشىمىزغا ئەگەشمەيدۇ، ئاتا-ئانىمۇ شۇ، خىزمەتنىڭ چارچاشلىقىنى ئاز دەپ باللىرىنى ئويناتمىسا ئەسلى، تاماق يىگۇزمىسە، كىيىم كېيدۇرمىسە، تازلىقىنى قىلمىسا، ئانىسىغا ياردەملىشىپ ئۆينى رەتلىمىسە، ئۇخلاتمىسا، ئويغاتمىسا، ئۇيناتمىسا…

سەھىپىلەر:Uyghur