باشبەت > Uyghur > توردىن مال سېتىۋالدىن كېيىنكى يەنە بىر ئاۋارچىلىق

توردىن مال سېتىۋالدىن كېيىنكى يەنە بىر ئاۋارچىلىق

ئۆكتەبىر 7, 2010 باھا يېزىش Go to comments

توردىن نەرسە سېتىۋالغاندا يەنىلا كۆپ دىققەت قىلغان ياخشى، مەيلى ئۇ ئادەتتىكى ساتقۇچى بولسۇن ياكى تاۋباۋنىڭ كاپالەتلىك ساتقىچۇسى بولسۇن، بۇلۇپمۇ ئېلىكتۇرۇبلۇك ئۈسكۈنىگە ئۇخشاش نازۇك نەرسىلەرنى سېتىۋالغاندا…

بۇرۇن توردىن يانفۇن سېتىۋېلىپ يالغان چىقىپ قالغاچقا قايتۇرۋاتتىم، ئەمما يانفۇن يولدا يۇقاپ كېتىپ يوللانما شىركىتىنى تۈلەتكەندىم، مانا ئەمدى نەس ئەرەبكە كامېرا ئېلىپ بەرگەنگە پۇشايمان قىلىپ ئولتۇرىمەن، ئېلىشتىن بورۇن سوني دوكىنىغا بېرىپ ئۆز-كۈزى بىلەن كۈرۈپ كەلگەن نەرسە ئەمدى مالنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ سۈرىتى ئېنىق ئەمەسكەن يەي، ماي سەرپىياتى يۇقىركەنيەي دەپ كۇسۇرلاپ ئولتۇرىدۇ، مال ھەقىقەتەن راست مال، سۈپىتىدە چاتاق يوق، ئەمما مەن 7 كۈنلۈك سەۋەپسىز مال قايتۇرۇش كاپالىتى بار دۇكاندىن سېتىۋالغاچقا قايتۇرۇشنى تەلەپ كىلسام مال ساتقۇچى تۈرلۈك سەۋەپلەرنى باھانە قىلىپ قايتۇرغىلى ئۇنمايۋاتىدۇ(مەسلەن، سەن قاپچۇقىنى ئاچتىڭ، قايتۇرغىلى بولمايدۇ، مال سۈپىتىدە چاتاق يوق، بىز ئەمدى باشقىلارغا ساتساق ئىككىنچى قول مەسھۇلات بۇلۇپ قالىدۇ، بۇنداق بۇلغاندا بىز قايتۇرۇپ بىرەلمەيمىز… دىگەندەك).

مانا بۈگۈن تاۋباۋ ماجبۇرى ھالدا ئۇندۇرۇپتۇ (توختام بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن)، مېنى مالنى ساتقۇچىغا قايتۇرۇپ ئەۋەتىپ بېرىشقا ئۇقتۇرۇش قىلدى ئەمما ئۈزەم ئەنسىرەپ قالدىم، 3000 يۇەندىن قىممەت نەرسە، ئەۋەتىپ بولغىنىمدىن كېيىن ساتقۇچى يەنە ھەر-خىل باھانىلەرنى تېپىپ (مەسلەن، جىجىلىپ كېتىپتۇ، قاپچۇقى بۇزۇلۇپ كېتىپتۇ دىگەندەك) پۇلنى قايتۇرۇپ بەرگىلى ئۇنمىسا ئۇ چاغدا بولمۇ يوق، كامىرامۇ يوق، مەن كىمگە دەۋا قىلىپ يۈرەي، نەدىمۇ بۇنچىلىك ۋاقتىم بولسۇن ئۇلار بىلەن كۈندە تاكالىشىپ ئولتۇرغىلى… بۇ ئەرەپكە ياخشىلىق قىلىپ بىر نەرسە ئېلىپ بەرگىنىمگىمۇ تويدۇم.

سەھىپىلەر:Uyghur خەتكۈشلەر:
  1. ئۆكتەبىر 7, 2010 سائەت 6:15 pm

    ماڭا ئوخشاشلا كۈنگە قاپسىز، مەنمۇ 1500گە بىر تېلېفۇن ئالغان قايتۇراي دىسەم باتارىيەنى ئېۋەتكىلى بولمايدىكەن، قارشى تەرەپ ھەممە نەرسىسىنى تۇلۇپ ئېۋەتمىسەڭ پۇل قايتۇرۇلمايدۇ دەيدۇ، بىر قارىسام ئۇنىڭمۇ توغرا لىكىن ماۋۇ شىنجاڭنىڭ يەرلىك قانۇنىنىڭ باتارىيەنى ئىچكىرگە سالغىلى قويمايدىغان بىر يىرى بار ئىكەن ئەمەسمۇ ؟ قانداق قىلارمەن دەپ بېشىم قاتتى …

  2. ئۆكتەبىر 7, 2010 سائەت 6:57 pm

    شۇنداق گەپ، ساتقۇچىمۇ باھانە تېپىپ قايتۇرۇپ بەلگىلى ئۇنمايۋاتىدۇ، ئەگەر ھازىر ئەۋەتىپ بەرسەم جەزمەن قۇسۇر تېپىپ پۇلنى قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ، چۇنكى نەرسە ئۇلارنىڭ قۇلىدۇ.

  3. ئۆكتەبىر 8, 2010 سائەت 12:12 pm

    ماڭا يا پۇلنى ئېۋەتىپ بەرمەيدۇ، يا يېڭى مال سېلىپ بەرمەيدۇ، 15 كۈننىڭ ياغى ئەرىز قىلىپ ھالىم قالمىدى، قانداق قىلسام بولاركىن …

  4. ئۆكتەبىر 8, 2010 سائەت 8:48 pm

    مېنىڭچە ئەمدى ئۆزىڭىزگە نەس باسقانلىقىنى ئېتىراپ قىلماي باشقا ئامال يوق، 淘宝商城 نىڭ ماللىرى بىر قادار ئىشەنچىلىك، پەقەت ئېلىشقا لازىم بۇلۇپ قالسا مۇشۇنىڭدىن سېتىۋالسىڭىز بۇلىدۇ.

  5. ئۆكتەبىر 10, 2010 سائەت 9:24 pm

    بۈگۈن بىر كۈن تاۋباۋغا تېلېفۇن قىلىپ كۈنۈم كەتتى، ئىككى كۈننى ئالدىدا تېلېفۇن قىلسام باتارىيەنىڭ پۇلىنى تاۋباۋ شىركىتى كۆتۈرىدۇ، سىزگە ئىككى كۈنگىچە ھەل قىلىپ بىرىمىز دىگەن، ئۈچ كۈن ساقلىسام ھىچ گەپ يوق ، ساتقان ئاداشقا تېلېفۇن قىلىپ تاۋباۋدىن تېلېفۇن كەلدىمۇ دىسەم ياق دەيدۇ، شۇ ئاچچىغىمدا تاۋباۋنىڭ خادىملىرى بىلەن تىللىشىپ كەتتىم ، ئەپەندىم ئىككى كۈن ساقلاڭ دەيدۇ، ۋاي مەن ئۈچ كۈن ساقلىدىم سىلەر نىمىشقا ساتقان ئاداشقا تېلېفۇن قىلمايسىلەر، نىمىشقا مىنى ئالدايسىلەر دىسەم ، ئەپەندىم سىز يەنە ئىككى كۈن ساقلاپ بېقىڭ دەيدۇ، ئاچچىغىمدا ھەرقايسىڭ بىزگە مۇلازىمەت قىلماي نىمىش قىلىشىسەن دىسەم ، بىرتەرەپ قىلدىغان كىشى ئارام ئالغان دەيدۇ، شۇنچە چوڭ شىركەتتە بىر ئادمگە قاراشلىق ئىشمۇ بولامدۇ دەيمەن. ئاچچىمدا ئامال يوق قويىۋەتتىم،.

    • ئۆكتەبىر 11, 2010 سائەت 8:59 am

      تورنىڭ باشقۇرۇش ئۇرۇنلاشتۇرۇلىشى يەنىلا نۇرغۇن مۇكەممەل بولمىغان يەرلىرى بار ئىكەن، نىمە دىگەن بىلەن تور دىگەن مەۋھۇم نەرسە ئەمەسمۇ؟
      يەنىلا ئېھتىيات قىلغان ياخشى، ئىشقىلىپ مەن تويدۇم.

      Best Regards;
      Sam.Turdi
      SHANDONG LAWRANCE TEXTILE CO., LTD. http://www.lawrancegarment.com 0086-632-3687223

  1. No trackbacks yet.

باھا يېزىش