ئارخىپ

Posts Tagged ‘توردىن مال سېتىۋېلىش’

توردىن مال سېتىۋالدىن كېيىنكى يەنە بىر ئاۋارچىلىق

ئۆكتەبىر 7, 2010 6 ئىنكاس

توردىن نەرسە سېتىۋالغاندا يەنىلا كۆپ دىققەت قىلغان ياخشى، مەيلى ئۇ ئادەتتىكى ساتقۇچى بولسۇن ياكى تاۋباۋنىڭ كاپالەتلىك ساتقىچۇسى بولسۇن، بۇلۇپمۇ ئېلىكتۇرۇبلۇك ئۈسكۈنىگە ئۇخشاش نازۇك نەرسىلەرنى سېتىۋالغاندا…

بۇرۇن توردىن يانفۇن سېتىۋېلىپ يالغان چىقىپ قالغاچقا قايتۇرۋاتتىم، ئەمما يانفۇن يولدا يۇقاپ كېتىپ يوللانما شىركىتىنى تۈلەتكەندىم، مانا ئەمدى نەس ئەرەبكە كامېرا ئېلىپ بەرگەنگە پۇشايمان قىلىپ ئولتۇرىمەن، ئېلىشتىن بورۇن سوني دوكىنىغا بېرىپ ئۆز-كۈزى بىلەن كۈرۈپ كەلگەن نەرسە ئەمدى مالنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ سۈرىتى ئېنىق ئەمەسكەن يەي، ماي سەرپىياتى يۇقىركەنيەي دەپ كۇسۇرلاپ ئولتۇرىدۇ، مال ھەقىقەتەن راست مال، سۈپىتىدە چاتاق يوق، ئەمما مەن 7 كۈنلۈك سەۋەپسىز مال قايتۇرۇش كاپالىتى بار دۇكاندىن سېتىۋالغاچقا قايتۇرۇشنى تەلەپ كىلسام مال ساتقۇچى تۈرلۈك سەۋەپلەرنى باھانە قىلىپ قايتۇرغىلى ئۇنمايۋاتىدۇ(مەسلەن، سەن قاپچۇقىنى ئاچتىڭ، قايتۇرغىلى بولمايدۇ، مال سۈپىتىدە چاتاق يوق، بىز ئەمدى باشقىلارغا ساتساق ئىككىنچى قول مەسھۇلات بۇلۇپ قالىدۇ، بۇنداق بۇلغاندا بىز قايتۇرۇپ بىرەلمەيمىز… دىگەندەك).

مانا بۈگۈن تاۋباۋ ماجبۇرى ھالدا ئۇندۇرۇپتۇ (توختام بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن)، مېنى مالنى ساتقۇچىغا قايتۇرۇپ ئەۋەتىپ بېرىشقا ئۇقتۇرۇش قىلدى ئەمما ئۈزەم ئەنسىرەپ قالدىم، 3000 يۇەندىن قىممەت نەرسە، ئەۋەتىپ بولغىنىمدىن كېيىن ساتقۇچى يەنە ھەر-خىل باھانىلەرنى تېپىپ (مەسلەن، جىجىلىپ كېتىپتۇ، قاپچۇقى بۇزۇلۇپ كېتىپتۇ دىگەندەك) پۇلنى قايتۇرۇپ بەرگىلى ئۇنمىسا ئۇ چاغدا بولمۇ يوق، كامىرامۇ يوق، مەن كىمگە دەۋا قىلىپ يۈرەي، نەدىمۇ بۇنچىلىك ۋاقتىم بولسۇن ئۇلار بىلەن كۈندە تاكالىشىپ ئولتۇرغىلى… بۇ ئەرەپكە ياخشىلىق قىلىپ بىر نەرسە ئېلىپ بەرگىنىمگىمۇ تويدۇم.

سەھىپىلەر:Uyghur خەتكۈشلەر: