ئارخىپ

Archive for 2010-يىل سېنتەبىر

ئايرىلغانلارغا خوش ئەمدى

سېنتەبىر 27, 2010 2 ئىنكاس

ئادەم نىمىگە كۆنمەيدۇ، نىمەر كېلىپ نىمىلەر كەتمەيدۇ؟ دەسلەپتە تۇنۇشقاندا شۇنداق دوستانە ۋە ھۆرمەت ئىكراملار بىلەن، ئەمدى بولسىچۇ؟ بەزىلەرنىڭ پىخسىقلىقىغا كۈنۈپ كەتتۇق، دىندىكى ئىككى يۇزلىمىلىكىگە كۈنۈپ كەتتۇق، يالغانچىلىقىغا كۈنۈپ كەتتۇق.

زەييېد قايتقاندا سوۋغا ئېلىپ يولغا سالدۇن، ئارقىدىن يەنە بىر-نەچچىسى قايتىپ كەتتى، ئۇلارنىمۇ شۇنداق يۇسۇندا ئۇزاتتۇق، كەتتى، غايىپ بولدى، خەتمۇ يازمىدى، ۋەياكى تىلفۇنمۇ قىلمىدى، يېڭىلار ئۈزۈلمەستىن كېلىپ تۇردى، كونىلار ئۈزۈلمەستىن كېتىپ تۇردى، كۈتىۋېلىش ۋە ئۇزىتىشنىڭ شەكىللىرى ئاددىيلاشتى، بەزىدە بىر ئېغىز خوشمۇ ئارتۇقچە بۇلۇپ قالدى، كەتتى تارىخقا ئايلاندى، ئەسلىمىلا بولدى خالاس…

مەخمۇد كەتتى، قول ئېلىپ كۈرۈشۈپ ئۇزاتتىم، مۇھەممەد فەرىد كەتتى، ياسىر كەتتى، ناگاھ كەتتى، چوڭ ئەخمەد كەتتى، ئەخمەد سەيىد ۋە ئائىلىدىكىسىلەر كەتتى، دىلبەر زۇزۇ بىلەن يىغلىشىپ خوشلاشتى…

Linda كەتتى، rubyكەتتى، annieكەتتى، Wang Yuanyuan كەتتى، ئۇندىن بۇرۇن كەتكەت نەچچىسىنىڭ ئىسىملىرى يادىمدىنمۇ چىقىپ قالدى…

كەتلەرگە خوش، مۇشۇ يازغان بىر پارچە خاتىرەم ئەسلىمەم بۇلۇپ قالار، ھەتتا مۇشۇ خاتىردىكىلەرنىڭ ئىسىمىنىمۇ ئۇنتۇپ كېتىشىم مۇمكىن، كۇچىلاردا ئۇچۇرشۇپ قالغاندا ئەسلىيەلمەيمۇ قېلىشىم مۇمكىن، كەچۈرۈڭلار، ھەممىڭلارغا بەخىت تىلەيمەن، ئەسلىيەلەڭلەر ۋەياكى ئونتۇپ كېتىڭلار، خۇددى ماڭا ئۇخشاش، ئەمما مەندىن ئاداۋەت ساقلىمايلار، ئەگەر بۇرۇن توغرا قىلمىغان يەرلىرىم بولسا.

捕获

DSC_2286

سەھىپىلەر:Uyghur